ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ:

فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ، عَلَى العَبْدِ وَالحُرِّ، وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى، وَالصَّغِيرِ وَالكَبِيرِ مِنَ المُسْلِمِينَ، وَأَمَرَ بِهَا أَنْ تُؤَدَّى قَبْلَ خُرُوجِ النَّاسِ إِلَى الصَّلاَةِ.
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 1503]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن«رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ كىشى بولسۇن ئوخشاش. يەنە بىر ئىبارەتتە ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىش كېرەك دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارلىق مۇسۇلمانلار سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلدى. شۇ كۈندە يەتكۈدىك ئۇزۇق-تۈلۈكى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە پەرىز قىلدى،چوڭ-كىچىك ئەر- ئايال، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن. مۇسۇلمان بايلىرىنىڭ ئۈستىگە كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەدىقە پىتىرنى ۋاجىپ قىلدى. بۇ مەسئۇلىيەت ئائىلە ئىگىسى ۋە باشلىقىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇ كىشى ئايال بالا-چاقىلار ۋە قۇللارنىڭ سەدىقە پىترىسىنى بىرىدۇ

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تايلاندچە ئاسامىي گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .