ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا:

أَنَّ رِجَالًا مِنْ أَصْحَابِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أُرُوا لَيْلَةَ القَدْرِ فِي المَنَامِ فِي السَّبْعِ الأَوَاخِرِ، فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَرَى رُؤْيَاكُمْ قَدْ تَوَاطَأَتْ فِي السَّبْعِ الأَوَاخِرِ، فَمَنْ كَانَ مُتَحَرِّيهَا فَلْيَتَحَرَّهَا فِي السَّبْعِ الأَوَاخِرِ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 2015]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزى كىشىلەر قەدىر كېچىسىنى چۈشىدە ئاخىرقى يەتتە كۈندە كۆردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

قەدىر كېچىسى شەرەپلىك، ئۇلۇغ كېچە، ئۇ كېچىدە ياخشىلىق ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلۇپ، خاتالىقلار كەچۈرۈم قېلىنىدۇ، ئىشلار بەلگىلىنىدۇ. ساھابىلار(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئورنىنىڭ كاتتىلىغىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئۇ كېچىنىڭ ۋاختىنى بىلىشنى ياخشى كۆردى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خەلقىگە قىلغان رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قەدر كىچىسىنى ھەممە كېچىلەردە ئېزدەپ، ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئۇ كېچىنى مەخپى قىلدى. ساھابىلار ئۇ كېچىنى چۈشىدە كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ چۈشى رامىزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىگە توغرا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاخىرقى ئون كۈندە، بولۇپمۇ ئاشۇ ئون كۈننىڭ تاق كىچىلىرىدە،- دەپ كەلدى، قەدىر كىچىسىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈندە ئىكەنلىكى ئېنىق، مۇسۇلمان رامىزاندا ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە كۆپرەك، رامىزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىدە بەكرەك ھېرىسمەن بولسۇن»

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تايلاندچە ئاسامىي گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .
تېخىمۇ كۆپ