ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ رضي الله عنه قَالَ:

كُنَّا نُخْرِجُ إِذْ كَانَ فِينَا رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ، عَنْ كُلِّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ، حُرٍّ أَوْ مَمْلُوكٍ، صَاعًا مِنْ طَعَامٍ، أَوْ صَاعًا مِنْ أَقِطٍ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ، أَوْ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ، أَوْ صَاعًا مِنْ زَبِيبٍ، فَلَمْ نَزَلْ نُخْرِجُهُ حَتَّى قَدِمَ عَلَيْنَا مُعَاوِيَةُ بْنُ أَبِي سُفْيَانَ رضي الله عنه حَاجًّا، أَوْ مُعْتَمِرًا فَكَلَّمَ النَّاسَ عَلَى الْمِنْبَرِ، فَكَانَ فِيمَا كَلَّمَ بِهِ النَّاسَ أَنْ قَالَ: إِنِّي أَرَى أَنَّ مُدَّيْنِ مِنْ سَمْرَاءِ الشَّامِ، تَعْدِلُ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ، فَأَخَذَ النَّاسُ بِذَلِكَ، قَالَ أَبُو سَعِيدٍ: فَأَمَّا أَنَا فَلَا أَزَالُ أُخْرِجُهُ كَمَا كُنْتُ أُخْرِجُهُ، أَبَدًا مَا عِشْتُ.
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 985]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى كۈندىلىك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا، ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بېرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭ ئىككى ئۇۋۇچىغا تەڭ كىلىدۇ، دەپ قارايمەن، دېدى. ئەبۇ سەئىد، ئەمما مەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا قانداق بەرگەن بولسام ئاشۇنداق داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى يىمەكلىكتىن بىر سا بىرىدىكەن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولۇپ مەدىنىگە كەلگەندە، مەن شام بۇغدىيىدىن يېرىم سا مىقدارىنىڭ باشقا نەرسىلەردىن بىر ساغا تەڭ كىلىدۇ دەپ قارايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ گىپىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئەلا بىلىش، ۋە بۇ سەدىقە بىلەن كۆزلەنگەن بىھاجەتلىك ھاسىل بولىشى ئۈچۈن، بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بەرگەندەكلام ھەرقانداق يىمەكلىكتىن بىر سا بېرىشنى چىڭ تۇتتى

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تايلاندچە ئاسامىي گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .