ئەسەر تۈزۈش: . .
+ -
عَنْ أُبَيِّ بْنِ كَعْبٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«لاَ تَسُبُّوا الرِّيحَ، فَإِذَا رَأَيْتُمْ مَا تَكْرَهُونَ فَقُولُوا: اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ مِنْ خَيْرِ هَذِهِ الرِّيحِ وَخَيْرِ مَا فِيهَا وَخَيْرِ مَا أُمِرَتْ بِهِ، وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ هَذِهِ الرِّيحِ وَشَرِّ مَا فِيهَا وَشَرِّ مَا أُمِرَتْ بِهِ».
[صحيح] - [رواه الترمذي] - [سنن الترمذي: 2252]
المزيــد ...

ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز: سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامالنى تىللاشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچى بىر مەخلۇقتۇر. ئۇنى تىللاش ئاللاھنى تىللىغاندەك بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە غەزەپلىنىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ، يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بۇ تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدۇر

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تايلاندچە ئاسامىي گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى يورايىچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • .
تېخىمۇ كۆپ