+ -

عن عائشة رضي الله عنها قالت: سمعتُ من رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول في بيتي هذا:
«اللَّهُمَّ مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَشَقَّ عَلَيْهِمْ فَاشْقُقْ عَلَيْهِ، وَمَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَرَفَقَ بِهِمْ فَارْفُقْ بِهِ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 1828]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 1828]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىدىن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن، ئومۇمغا ئالاقىدار ئىش بولسۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار ئىش بولسۇن قانداق بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلماي، قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنى قىلغان قىلمىشىنىڭ تۈرىدىن جازالاشنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدىغانقى توغرىسىدا دۇئا قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىگە مەسئۇل بولغان كىشىلەرنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
  2. جازا-مۇكاپات قىلىنغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
  3. مېھرىبانلىق ۋە قاتتىقلىقتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆلچەم بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتكە زىت بولمىغان نەرسىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ