+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم:
«اللهُمَّ لَا تَجْعَلْ قَبْرِي وَثَنًا، لَعَنَ اللهُ قَوْمًا اتَّخَذُوا قُبُورَ أَنْبِيَائِهِمْ مَسَاجِدَ».

[صحيح] - [رواه أحمد] - [مسند أحمد: 7358]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتخانىغا ئايلاندۇرىۋالغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [مۇسنەد ئەھمەد - 7358]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەت-تەزىم قىلىپ باش ئۇرىدىغان ھەيكەلگە ئوخشاش قىلىپ قويماسلىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىغانلىقى ۋە قوغلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋىلىش، قەبرىگە چوقۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا شەرئى بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئۇنى ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن ھەزەر قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  2. قەبىرنىڭ ساھىبى ھەرقانچە ئۇلۇغ، كاتتا كىشى بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ قەبىرسىنىڭ يېنىدا قەبىرنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلىپ ئىبادەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.
  3. قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىش ھارام بولىدۇ.
  4. قەبرىستانلىققا گەرچە مەسچىت بىنا قىلىنمىغان بولسىمۇ قەبىرنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ، لېكىن نامىزى ئوقۇلمىغان مېيىتقا جىنازە نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ