+ -

عن أبي بَكرة رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«إِذَا الْتَقَى الْمُسْلِمَانِ بِسَيْفَيْهِمَا فَالْقَاتِلُ وَالْمَقْتُولُ فِي النَّارِ»، فَقُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ هَذَا الْقَاتِلُ، فَمَا بَالُ الْمَقْتُولِ؟ قَالَ: «إِنَّهُ كَانَ حَرِيصًا عَلَى قَتْلِ صَاحِبِهِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 31]
المزيــد ...

ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ» مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قاتىلغۇ دوزاخقا كىرسۇن، ئەمما ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ نېمە خاتالىقى بار؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغان» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 31]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ئىككى مۇسۇلمان قىلىچ كۆتۈرۈپ ھەر بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراسسا، قاتىل ئۆز ھامراھىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دوزاختا بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭمۇ دوزاخقا كېرىدىغانلىقى ساھابىلارغا بىر ئاز غەلىتە بېلىنىپ: ئۇ نېمە ئۈچۈن دوزاختا بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ: ئۇ كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىسمەن بولغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەمراھىنى ئۆلتۈرەلمەي ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتتى دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. چىن دىلىدىن خاتالىق سادىر قىلىش ئىرادىسىگە كىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىۋاستە قىلغان كىشىنىڭ جازاغا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  2. مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنداق قىلغان كىشىنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
  3. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئىسلام ھاكىمىيتىگە قارشى چىققان باغىلار ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا قارشى ئۇرۇش بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئازاب بىلەن بولغان ۋەدىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.
  4. چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچى گۇناھ سادىر قىلىش بىلەنلا كاپىرغا چېقىرىلمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن ئۆزئارا ئۇرۇشقانلارنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان.
  5. ئىككى مۇسۇلمان ھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن بولسۇن بىر-بىرىگە قورال كۆتۈرۈپ ئۇچرىشىدىكەن، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتىل ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ، ھەدىستە مىسال قىلىپ قىلىچ دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ