+ -

عن ابْنِ عُمَرَ رضي الله عنهما أنه سَمِعَ رَجُلًا يَقُولُ: لَا وَالْكَعْبَةِ، فَقَالَ ابْنُ عُمَرَ: لَا يُحْلَفُ بِغَيْرِ اللَّهِ، فَإِنِّي سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«مَنْ حَلَفَ بِغَيْرِ اللهِ فَقَدْ كَفَرَ أَوْ أَشْرَكَ».

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وأحمد] - [سنن الترمذي: 1535]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ: "ياق، كەبە بىلەن قەسەم!" دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە: «ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ:
«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - - [سۈنەن تىرمىزى - 1535]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، چۈنكى قەسەم دېگەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئۇلۇغلۇق يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەسەم كېچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئەگەر قەسەم قىلغۇچى ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئۇلۇغلىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ چوڭ شېرىكنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قەسەم بىلەن ئۇلۇغلاش ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ.
  2. ساھابىلارنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ، ئىش شېرىككە ياكى كۇپۇرغا ئالاقىدار بولغاندا شۇنداق بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ