عن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما : أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «بلغوا عني ولو آية، وحدثوا عن بني إسرائيل ولا حرج، ومن كذب علي متعمدا فَلْيَتَبَوَّأْ مقعده من النار».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەندىن بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار، بەنى ئىسرائىل توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭلار، كىمكى قەستەن مەن دېمىگەننى مېنى دېدى دەپ يالغان ئېيتسا، ئۇ كىشى جايىنى دوزاختىن تەييارلىۋالسۇن»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: قۇرئان ياكى ھەدىستىن مەندىن مىراس قالدۇرۇلغان ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈڭلار، گەرچە قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ، ئاز كۆرمەي يەتكۈزۈڭلار، بۇنىڭ شەرتى ئۇ كىشى يەتكۈزىدىغان نەرسىنى تولۇق بىلىشى كېرەك، يەتكۈزۈشكە بولغان بۇيرۇق شۇنىڭغا لايىق بولغان كىشىگە نىسبەتەن ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈش لايىق بولمىسا، شەھەردە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىدىغان، دىنى تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئۆلىمالار بولۇش كىرەك، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى مۇستەھەب بولىدۇ. كىشىلەرگە بەنى ئىسرائىل قەۋمىدە يۈز بەرگەن ھەقىقى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسەڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن: ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ قۇربانلىقنى كۆيدۈرگەنلىكى، موزايغا چوقۇنغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بولغانلىقى ۋەقەلىكى، ئىبرەت ۋە ۋەز -نەسىھەت توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىكلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىش قاتارلىقلار، كىمكى ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن تەييارلىسۇن، ئاشۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇغانلىقتىن ئىبارەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇش كىشىلەرگە يالغاننى توقۇغانغا ئوخشاش ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇش بولسا، ئاللاھ تائالاغا يالغاننى توقۇشتۇر، ئاندىن كېيىن ئۇ شەرىئەتكە يالغاننى توقۇغانلىقتۇر، چۈنكى شەرىئەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى ئارقىلىق ئىنسانلارغا خەۋەر بەرگەن ئىلاھىي قانۇندۇر. ۋەھيى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىندۇر، بۇنىڭ جازاسى ناھايتى يامان بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ