1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ھەدىس ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلىملەر

ھەدىس مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن

عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما أن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«بَلِّغُوا عَنِّي وَلَوْ آيَةً، وَحَدِّثُوا عَنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا حَرَجَ، وَمَنْ كَذَبَ عَلَيَّ مُتَعَمِّدًا فَلْيَتَبَوَّأْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ».

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».

تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى سەھى بۇخارى - 3461

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئاز بولسىمۇ بىر ئايەت ياكى بىر ھەدىس بولسىمۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئىلمىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىيدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇ كىشى باشقىلارغا يەتكۈزگەن ياكى چاقىرغان نەرسىنى بىلگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ شەرىئىتىمىزغا زىت بولمىغان ھالەتتىكى بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە يالغاننى توقۇشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى ئۆزىگە قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن ھازىرلىسۇن دېدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنسان ئاز بولسىمۇ ئۆزى بىلگەن ياكى چۈشەنگەن، ياد قىلغان بىلىملەر بولسا يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
  2. ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى مۇكەممەل قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەرئى بىلىم ئېلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغان قاتتىق ئازابقا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ھەدىسنى يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋاجىپ بولىدۇ.
  4. ئىنسان راستچىل بولۇش، بولۇپمۇ ھەدىسكە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلغاندا ئېھتىيات قىلىش، شۇنداقلا؛ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشتە يالغانغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

69 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
JA 日本語 اليابانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
FF Fulfulde الفولانية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
BG Български البلغارية
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
EL Ελληνικά اليونانية
AK Akan الأكانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
LN Lingala اللينجالا
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
BM Bambara البامبارية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
DA Dansk الدنماركية
RN Kirundi الكيروندي
KMR Kurmancî الكرمنجية
MS Bahasa Melayu الملايو