عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«مَنْ لَقِيَ اللهَ لَا يُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا دَخَلَ الْجَنَّةَ، وَمَنْ لَقِيَهُ يُشْرِكُ بِهِ دَخَلَ النَّارَ».  
                        
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 93]
                        
 المزيــد ... 
                    
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۇچراشقان بولسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كېردى، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇچراشقان بولسا دوزاخقا كېردى». 
                                                     
                                                                                                    
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 93]                                            
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ گەرچە بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئازابلانسىمۇ، ئاخىرىقى ئورنىنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ھالىتىدە ئۆلگەن كىشىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.