+ -

عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«يقالُ لصاحبِ القرآن: اقرَأ وارتَقِ، ورتِّل كما كُنْتَ ترتِّل في الدُنيا، فإن منزِلَكَ عندَ آخرِ آية تقرؤها».

[حسن] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي في الكبرى وأحمد] - [سنن أبي داود: 1464]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 1464]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم قۇرئان ئوقۇغۇچى، قارىغا، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلغۇچىغا ۋە قۇرئاننى ياد قىلغۇچىغا جەننەتكە كىرگەندە: قۇرئان ئوقۇغىن، شۇنىڭ بىلەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلىگىن، دۇنيادا ئالدىرماي تەرتىل بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلغىن، سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇغان ئەڭ ئاخىرىقى ئايەتكىچە بولىدۇ دېيىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇكاپات ئەمەلنىڭ مىقدارى ۋە ئادا قىلىنىشىغا مۇۋاپىق بولىدۇ.
  2. قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، تەكرارلاش، ياد قىلىش، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  3. جەننەتتە ئالى ئورۇنلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلەر بار، قۇرئان ساھىبلىرى جەننەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ