عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما قال:
سَمِعَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رَجُلًا يَعِظُ أَخَاهُ فِي الْحَيَاءِ، فَقَالَ: «الْحَيَاءُ مِنَ الْإِيمَانِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە:«ھايا ئىماندىن دېدى».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ، بەك كۆپ ھايا قىلىپ كەتمىگىن دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ كىشىگە: ھايانىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ھايانىڭ پەقەت ياخشىلىق ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ھايا دېگەن؛ ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا، قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان خىسلەتتۇر.