عن أبي هريرة رضي الله عنه عن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَلْيَقُلْ خَيْرًا أَوْ لِيَصْمُتْ، وَمَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَلْيُكْرِمْ جَارَهُ، وَمَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَلْيُكْرِمْ ضَيْفَهُ».  
                        
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 47]
                        
 المزيــد ... 
                    
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن، ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى خوشنىسىنى ئېكرام قىلسۇن، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى مېھمىنىغا ئىززەت قىلسۇن». 
                                                     
                                                                                                    
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 47]                                            
                        بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئاللاھغا ۋە ئۆزىنىڭ بارىدىغان جايى بولغان ئاخىرەت كۈنىگە، ئۇ كۈندە ئەمىلىگە يارىشا بېرىلىدىغان جازا-مۇكاپاتقا ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئىمانى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى:
بىرىنچى: چېرايلىق سۆز: تەسبىھ، تەھلىل، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش،  كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلار، بۇنداق قىلالمىغان كىشى تىلىنى ساقلاپ، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يېغىپ سۇكۇت قىلىشى لازىم.
ئىككىنچى: خوشنىغا ئېكرام قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك.
ئۈچىنچى: زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مېھماننى  چېرايلىق سۆز ۋە ئېسىل تائاملار بىلەن ياخشى كۈتىۋېلىش قاتارلىقلار.