+ -

عن خَولة الأنصاريةِ رضي الله عنها قالت: سمعت النبي صلى الله عليه وسلم يقول:
«إِنَّ رِجَالًا يَتَخَوَّضُونَ فِي مَالِ اللهِ بِغَيْرِ حَقٍّ، فَلَهُمُ النَّارُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 3118]
المزيــد ...

خوۋلە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 3118]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ، توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ مال-دۇنيانى ھالال بولمىغان يوللار ۋە كەسىپلەر بىلەن توپلاش، ئۇنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ قاتارىغا يېتىمنىڭ، ۋەقپىنىڭ مال-مۈلكىنى يېۋېلىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى مال بولسا ئاللاھنىڭ مېلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ ماللارنى توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلىش ۋە توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىپ بۇزۇپ-چېچىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئىگە قىلدى، بۇ ھۆكۈم رەھبەرلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە ئومۇمدۇر.
  2. ئومۇمنىڭ مېلىنى شەرىئەت قانۇنى كۈچلۈك قوغدايدۇ، كىمكى ئومۇمنىڭ مېلىدىن بىر نەرسىگە ئىگە بولىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ توپلىغان ۋە سەرپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
  3. ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارمۇ ھېساب ئېلىنىدىغان بۇ شەرئىي قانۇننىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ