1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ

عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المؤمنين رضي الله عنها:
أَنَّ أُمَّ سَلَمَةَ ذَكَرَتْ لِرَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَنِيسَةً رَأَتْهَا بِأَرْضِ الْحَبَشَةِ، يُقَالُ لَهَا مَارِيَةُ، فَذَكَرَتْ لَهُ مَا رَأَتْ فِيهَا مِنَ الصُّوَرِ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أُولَئِكَ قَوْمٌ إِذَا مَاتَ فِيهِمُ الْعَبْدُ الصَّالِحُ، أَوِ الرَّجُلُ الصَّالِحُ، بَنَوْا عَلَى قَبْرِهِ مَسْجِدًا، وَصَوَّرُوا فِيهِ تِلْكَ الصُّوَرَ، أُولَئِكَ شِرَارُ الْخَلْقِ عِنْدَ اللهِ».

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 434

شەرھىسى

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا كۆرگەن نەقىش، سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈرەت قويۇشتىكى سەۋەپلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەھۋالىنى بايان قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى كىشىدىن بىرسى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى تىكلەيتتى». بۇنداق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ قىلمىشى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىش ياكى ۋاپات بولغانلارنى مەسچىتكە دەپنە قىلىشنى چەكلەش بولسا، شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھارام قىلىندى.
  2. قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىش ۋە ئۇ يەرگە سۈرەت تىكلەش بولسا يەھۇدى، ناسارالارنىڭ قىلمىشىدۇر، بۇنداق ئىشنى قىلغان كىشى ئۇلارغا ئوخشىۋالغان بولىدۇ.
  3. جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ياساش ھارامدۇر.
  4. قەبىرگە مەسچىت بىنا قىلغان، ئۇنىڭدا سۈرەتلەرنى ئويدۇرغان كىشى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر.
  5. شەرىئەت تەۋھىدنى مۇكەممەل ھىمايە قىلىدۇ، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى چەكلەيدۇ.
  6. ياخشى كىشىلەر توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ شېرىككە چۈشۈپ قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

60 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
JA 日本語 اليابانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
BM Bambara البامبارية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية