+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«أَتَدْرُونَ مَا الْغِيبَةُ؟»، قَالُوا: اللهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ، قَالَ: «ذِكْرُكَ أَخَاكَ بِمَا يَكْرَهُ»، قِيلَ: أَفَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ فِي أَخِي مَا أَقُولُ؟ قَالَ: «إِنْ كَانَ فِيهِ مَا تَقُولُ فَقَدِ اغْتَبْتَهُ، وَإِنْ لَمْ يَكُنْ فِيهِ فَقَدْ بَهَتَّهُ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2589]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان سۆز بىلەن زىكىر قىلىشىڭ»دېدى، بەزىلەر: ئەگەر ئۇنىڭ ھەققىدە دېگەن سۆزۈم راست بولسا (يەنى ئۇ كىشىدە تىپىلسا) قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇنىڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزۈڭ راست بولسا، غەيۋەت قىلغان بولدۇڭ، راست بولمىغان بولسا ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولدۇڭ دېدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2589]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام بولغان غەيۋەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: سورۇندا يوق بولغان مۇسۇلمان كىشىنى ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە جىسمانى سۈپەتلىرىدىن ئۇ كىشى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدىغان سۆزنى قىلىشتۇر. مەسىلەن: ئالىغاي، ساختىپەز، يالغانچى دېگەندەك ئۇ كىشىنى سۆكۈدىغان سۈپەتلەر، گەرچە ئۇ سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولسىمۇ ئۇنى دېمەسلىك كېرەك.
ئەگەر يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىگەن ناچار سۈپەتلەر ئۇ كىشىدە بولمىسا، بۇ غەيۋەتتىنمۇ يامان بولغان بۆھتاندۇر، يەنى ئۇ ئىنساندا يوق بولغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل شەكىلدە تەلىم بېرىش ئۇسۇللىرىدىن: مەسىلىنى سوئال ئۇسلۇبى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىتۇر.
  2. ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن: سوئال سورىغان ۋاقىتتا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېيىشىدۇر.
  3. سوئال سورالغۇچى بىلمەيدىغان نەرسە بولسا : ئۇنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر دېيىشىدۇر.
  4. شەرىئەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەق-ھوقۇق ۋە دىنى قېرىنداشلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشىدۇر.
  5. غەيۋەتنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا (ياكى مەنپەئەت سەۋەبىدىن) دۇرۇس بولىدۇ: ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: زۇلۇمنى يوق قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىشى: ماڭا پالانى زۇلۇم قىلدى ياكى مېنى مۇنداق قىلدى دېگەنگە ئوخشاش. شۇنىڭدەك، توي ئىشلىرىدا ياكى خوشنىدارچىلىق ئىشلىرىدا ياكى باشقا ئىشلاردا مەسلىھەت سورىغانغا ئوخشاش.
تېخىمۇ كۆپ