+ -

عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«إِذَا مَرِضَ الْعَبْدُ أَوْ سَافَرَ كُتِبَ لَهُ مِثْلُ مَا كَانَ يَعْمَلُ مُقِيمًا صَحِيحًا».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 2996]
المزيــد ...

ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان سەپەر قىلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 2996]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز پەزلى-رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىپ، مۇسۇلمان ساق-ساغلام، سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق قىلىپ ئادەت قىلغان بولسا، كېسەل بولۇپ قىلىپ ئۇ ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، ياكى سەپەرگە چېقىپ قىلىپ ياكى باشقا بىر ئۈزۈر سەۋەپلىك تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، بۇ كىشى ئۈچۈن ساق ۋە سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا قىلغان ئەمەللىرىگە ئەجىر بەرگەندەك تولۇق ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە پەزلى-رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  2. بۇ ھەدىس ئىنساننى ساق ۋە بوش ۋاقىتلىرىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ