عن حمران مولى عثمان أنَّه رأى عثمان دعا بوَضُوء، فأفرَغ على يَدَيه مِن إنائه، فغَسَلهُما ثلاثَ مرَّات، ثمَّ أدخل يَمينَه في الوَضُوء، ثمَّ تَمضمَض واستَنشَق واستَنثَر، ثُمَّ غَسل وَجهه ثَلاثًا، ويديه إلى المرفقين ثلاثا، ثم مسح برأسه، ثمَّ غَسل كِلتا رجليه ثلاثًا، ثمَّ قال: رأيتُ النَّبِي صلى الله عليه وسلم يتوضَّأ نحو وُضوئي هذا، وقال: (من توضَّأ نحو وُضوئي هذا، ثمَّ صلَّى ركعتين، لا يحدِّث فِيهما نفسه غُفِر له ما تقدَّم من ذنبه).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ھۇمران ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. ئوسمان ئىبنى ئەففان تاھارەتكە سۇ سوراپ، ئۇنى قاچىدىن ئىككى ئالقىنىغا قۇيۇپ قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى سۇغا تېقىپ سۇ ئېلىپ، ئاغزىنى ۋە بۇرنىنى چايقىدى، ئاندىن كېيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم ۋە ئىككى بىلىكىنى جەينەكلىرىگىچە ئۈچ قېتىم يۇيدى، ئاندىن بېشىغا مەسھى قىلدى، ئاندىن پۇتلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ بولۇپ، مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەندەك تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن، كىمكى مۇشۇنداق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا، نامىزىدا باشقا ئىشنى خىيال قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ئۇلۇغ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش سۈپەتلىرىنى تولۇق بايان قىلغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسلۇبلىرىنى ئشلىتىپ، رەسۇلۇللاھ قانداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كىشىلەرگە ئەمەلى مىسال ئارقىلىق ئۈگەتكەن ئىدى، ئۇ بىر قاچا تاھارەت سۇيى كەلتۈرۈشكە بۇيرىغان، سۇنى بۇلغىماسلىقى ئۈچۈن قولىنى بىۋاستە قاچىغا سالماي، قاچىدىن سۇنى قولىغا قۇيۇپ قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيغان، ئاندىن قاچىغا ئوڭ قولىنى سېلىپ سۇ ئېلىپ ئېغىز بۇرنىنى چايقىغان، ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇيغان، ئاندىن قولىنى جەينەككىچە ئۈچ قېتىم يۇيغان، ئاندىن بېشىنىڭ ھەممە يېرىگە بىر قېتىم مەسھى قىلغان، ئاندىن پۇتىنى ھوشىقىغىچە ئۈچ قېتىم يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتتا رەسۇللاھ بىزگە، كىمىكى مەن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالسا، ئاندىن مەن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن دېگەن ئويدا خۇشۇ ۋە خۇزۇئ بىلەن ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقىسا، بۇ تاھارەت ۋە نامازنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ