عَنْ المُغِيرَةِ رضي الله عنه قَالَ:
كُنْتُ مَعَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي سَفَرٍ، فَأَهْوَيْتُ لِأَنْزِعَ خُفَّيْهِ، فَقَالَ: «دَعْهُمَا، فَإِنِّي أَدْخَلْتُهُمَا طَاهِرَتَيْنِ» فَمَسَحَ عَلَيْهِمَا.

مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 206

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە تاھارەت ئالدى، ئىككى پۇتىنى يۇيىدىغان ۋاقىتتا مۇغىيرە بىن شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پۇتىنى يۇيىۋالسۇن دەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىدىكى ئايىغىنى سالدۇرماقچى بولدى!. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قويغىن، ئۇنى سالدۇرمىغىن، مەن ئىككى پۇتۇمنى يۇيۇپ تاھارەت بىلەن كىيگەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇغاننىڭ ئورنىغا پۇتىدىكى ئايىغىغا مەسىھ قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پۇتىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلىش بولسا كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ، ئەمما چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئايىغىنى سېلىپ چوقۇم ئىككى پۇتىنىمۇ يۇيىشى كېرەك.
  2. مەسىھ قىلىش دېگەن: ھۆل قولىنى ئاياغنىڭ ئۈستى تەرىپىگە سىلاشتىن ئىبارەتتۇر.
  3. ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئاياغنى ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ كامىل تاھارەت ئېلىپ كىيگەن بولىشى، ئاياغنىڭ پاك بولىشى، پۇتىدىن يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى ياپىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، پۇتىغا مەسىھ قىلىش كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ، جۇنابەتتىن ياكى يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان ئەھۋالدا بولمايدۇ. مەسىھ قىلىشنىڭ ۋاقتى: شەرىئەتتە بېكىتىلگەن بويىنچە مۇقىم ئۈچۈن بىر كىچە-كۈندۈز، مۇساپىر ئۈچۈن ئۈچ كىچە-كۈندۈز بولىدۇ.
  4. پايپاق، ئۆتۈك، قونجۇلۇق ئاياغ قاتارلىق ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ يۆگەيدىغان ھەر قانداق نەرسە ئاياغقا قىياس قىلىنىپ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
  5. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكى ۋە مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايىغىنى تارتىپ سالدۇرماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ۋە ھۆكۈمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ پاك ھالەتتە كىيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية