+ -

عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَمْرٍو رضي الله عنهما قَالَ: قالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«حَوْضِي مَسِيرَةُ شَهْرٍ، مَاؤُهُ أَبْيَضُ مِنَ اللَّبَنِ، وَرِيحُهُ أَطْيَبُ مِنَ المِسْكِ، وَكِيزَانُهُ كَنُجُومِ السَّمَاءِ، مَنْ شَرِبَ مِنْهَا فَلاَ يَظْمَأُ أَبَدًا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6579]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر، ئۇنىڭ قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپتۇر، ئۇنىڭ سۈيىنى ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6579]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزى ئۈچۈن بىر كۆل بولىدىغانلىقى، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا بىر ئايلىق مۇساپە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر. ئۇ سۇنىڭ پۇرىقى مىسكە-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ بەك خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىدەك كۆپتۇر. شۇ قەدەھلەر بىلەن كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. پۇلانىيچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف البلغارية ئازارىچە تەرجىمىسى اليونانية ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية اللينجالا المقدونية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە كۆپ سۇ جۇغلانغان بولۇپ قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنىڭ مۆمىنلىرى بۇ كۆلنىڭ سۈيىدىن ئېچىدۇ.
  2. بۇ كۆلنىڭ سۈيىدىن ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىماسلىقتىن ئىبارەت نېمەتكە ئېرىشىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ