+ -

عن جَرِيْر بنِ عبدِ الله رضي الله عنه قال:
كُنَّا عِنْدَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَنَظَرَ إِلَى الْقَمَرِ لَيْلَةً -يَعْنِي الْبَدْرَ- فَقَالَ: «إِنَّكُمْ سَتَرَوْنَ رَبَّكُمْ كَمَا تَرَوْنَ هَذَا الْقَمَرَ، لَا تُضَامُونَ فِي رُؤْيَتِهِ، فَإِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ لَا تُغْلَبُوا عَلَى صَلَاةٍ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا فَافْعَلُوا» ثُمَّ قَرَأَ: «{وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ}»

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 554]
المزيــد ...

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ئايغا قارىدى يەنى تولۇن ئايقا قاراپ مۇنداق دېدى:«سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر، ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار بولسا بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭلار» ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 554]

شەرھىسى

ساھابىلار بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر يەردە بولغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مۇئ‍مىنلەر قىيامەت كۈنىدە رەببىنى ھېچ قانداق توسالغۇسىز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ئۇلار رەببىنى كۆرىدىغاندا قېيىنچىلىق تارتمايدۇ، چارچىمايدۇ، قىستىلىشىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان سەۋەپلەرنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، ئۇ ئىككى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭلار، بۇ ئىش قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ‎﴾‏ تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىمان ئەھلىگە جەننەتتە ئاللاھ تائالانى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەتتۇر
  2. دەۋەتنىڭ ئۇسلۇبلىرىدىن: تەكىتلەش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مىسال بايان قىلىش قاتارلىقلار
تېخىمۇ كۆپ