«كَلِمَتَانِ خَفِيفَتَانِ عَلَى اللِّسَانِ، ثَقِيلَتَانِ فِي الْمِيزَانِ، حَبِيبَتَانِ إِلَى الرَّحْمَنِ: سُبْحَانَ اللهِ الْعَظِيمِ، سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6406]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىيزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم)تەرجىمىسى: ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن سۆزلەردۇر
[تېكىست توغرا] - [بىرلىككە كەلگەن] - [سەھى بۇخارى - 6406]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان ھەرقانداق ھالەتتە جاپا تارتماستىن دىيەلەيدىغان ئىككى كەلىمىدىن خەۋەر بىرىپ، بۇنىڭ ساۋابىنىڭ مىيزاندا ئېغىر كىلىدىغانلىقى، بۇ ئىككى سۆزنى رەببىمىز ئاللاھ تائالا بەكلا ياخشى كۆرىدۇ:
«سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم»بۇ ئىككى سۆز ئاللاھ تائالانى مۇكەممەللىك ۋە كاتتىلىق بىلەن سۈپەتلەش، بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
يستحب لمن رغّب غيره في عمل ما أن يذكر له شيئا من فوائده....