+ -

عن تميم الداري رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«الدِّينُ النَّصِيحَةُ» قُلْنَا: لِمَنْ؟ قَالَ: «لِلهِ وَلِكِتَابِهِ وَلِرَسُولِهِ وَلِأَئِمَّةِ الْمُسْلِمِينَ وَعَامَّتِهِمْ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 55]
المزيــد ...

تەمىم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«دىن سەمىمىيەتتۇر» بىز: كىمگە؟ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى، مۇسۇلمان رەھبەرلەر ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 55]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەقىقەتەن دىن دېگەن؛ ئىخلاس، راستچىللىق ئاساسىغا تۇرغۇزىلىدۇ. دىنغا ئاللاھ تائالا بۇيرىغاندەك تولۇق ئەمەل قىلىش، ھىلە-مىكىر قىلماستىن مۇكەممەل ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «سەمىمىيەت كىمگە بولىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا، ئىلاھلىقىغا ۋە گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھقا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىش قاتارلىقلار.
ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ كىتابىغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: ئاللاھنىڭ كىتابى بولسا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھنىڭ ئاخىرىقى كىتابى، ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلاردىكى قانۇن-پىرىنسىپلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ دەپ چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلىش، ئۇنى ئۇلۇغلىشىمىز، ھەقىقى شەكىلدە تىلاۋەت قىلىشىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز، مۇتەشابىھلىرىنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھقا تاپشۇرىشىمىز، (ئۇ كىتابنى ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ چۈشەنچىسىگە ئىتىبار قىلماسلىقىمىز)، قۇرئاننىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز، ئىلىملىرىنى تارقىتىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشمىزدىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ ئېتىقاد قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننى تەستىقلاش، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن چەكلىنىش، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەتنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن بويۇنچە قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققىنى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭ دەۋىتىنى تارقىتىش، يولغا قويغان شەرىئىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.
تۆتىنچى: مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە سەمىيمى بولۇش دېگەن: ھەقىقەتتە ئۇلارغا ھەمكارلىشىش، ئۇلاردىن ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنماسلىق، ئاللاھقا ئىتائەت بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنۇش دېمەكتۇر.
بەشىنچى: ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ئۆزى ياقتۇرغان ئىشلارنى ئۇلارغىمۇ ياخشى كۆرۈش، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقتا ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھەممەيلەنگە سەمىمى بولۇشقا يۈزلەندۈرۈش.
  2. دىندا سەمىيمىيەتنىڭ ئورنىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرۈش.
  3. دىننىڭ ئەمەل ئېتىقاد، سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىش.
  4. سەمىيمىلىكنىڭ جۈملىسىدىن: قەلبىنى نەسىھەت قىلىنغۇچىغا ھىلە ئېشلىتىشتىن ساقلىنىش، ئۇ كىشىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەت.
  5. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئىشنى دەسلەپتە ئومۇم شەكىلدە بايان قىلىپ كېيىن تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشى تەلىم-تەربىيەدىكى گۈزەل ئۇسلۇبىدىن ئىبارەتتۇر.
  6. دەسلەپتە ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئۈنۈمنلۈك بولغانلىرىدىن باشلاش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشنى ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى بولۇشتىن باشلىدى، ئاندىن ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەلەيھىسسالامغا ئاندىن مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئاندىن ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا سەمىمى بولۇشتا ئاخىرلاشتۇردى.
تېخىمۇ كۆپ