«أَكْمَلُ الْمُؤْمِنِينَ إِيمَانًا أَحْسَنُهُمْ خُلُقًا، وَخَيْرُكُمْ خَيْرُكُمْ لِنِسَائِهِمْ».
[حسن] - [رواه أبو داود والترمذي وأحمد] - [سنن الترمذي: 1162]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
مۇئمىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرىنىڭ ئىمانىنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەخلاقى گۈزەل دېگەنلىك: خۇش چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، چېرايلىق سۆز قىلىش ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك قاتارلىقلاردۇر.
مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛ ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا قىزلىرىغا، ھەمشىرىلىرىگە، يېقىن ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىدۇر، چۈنكى ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەڭ لايىق بولغانلاردۇر.