«إِنَّ رِجَالًا يَتَخَوَّضُونَ فِي مَالِ اللهِ بِغَيْرِ حَقٍّ، فَلَهُمُ النَّارُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ».
[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 3118]
المزيــد ...
خوۋلە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ، توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ مال-دۇنيانى ھالال بولمىغان يوللار ۋە كەسىپلەر بىلەن توپلاش، ئۇنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ قاتارىغا يېتىمنىڭ، ۋەقپىنىڭ مال-مۈلكىنى يېۋېلىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.