+ -

عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«حَقُّ الْمُسْلِمِ عَلَى الْمُسْلِمِ خَمْسٌ: رَدُّ السَّلَامِ، وَعِيَادَةُ الْمَرِيضِ، وَاتِّبَاعُ الْجَنَائِزِ، وَإِجَابَةُ الدَّعْوَةِ، وَتَشْمِيتُ الْعَاطِسِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 1240]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 1240]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سىزگە سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرۇش.
ئىككىنچىسى: كېسەل بولۇپ قالسا، كېسىلىنى يوقلاش ۋە زىيارەت قىلىش.
ئۈچىنچىسى: ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆيىسىدىن باشلاپ جىنازە نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغىچە ۋە ئۇ يەردىن قەبرىستانلىققىچە جىنازىگە ئەگىشىپ ھەتتا دەپنە قىلىپ بولغىچە بىرگە تۇرۇش.
تۆتىنچىسى: توي، ئەقىقە دېگەندەك زىياپەتلەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ بېرىش.
بەشىنچىسى: بىر كىشى چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكۈرگۈچى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىسلام ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلارنى تەكىتلەش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچلاندۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ