عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعاً: "لتتبعن سنن من كان قبلكم، حذو القذة بالقذة، حتى لو دخلوا جحر ضب لدخلتموه. قالوا: يا رسول الله، اليهود والنصارى؟ قال: فمن؟ "
[صحيح] - [متفق عليه. ملحوظة: الحديث مروي بالمعنى، ولفظة: (حذو القذة بالقذة) وردت في حديث آخر حسن]
المزيــد ...

ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: سىلەردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىغا پەيمۇ-پەي ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىسىلەر. ساھابىلار: يەھۇدى، ناسارالارنى مەقسەت قىلىۋاتاملا ئى رەسۇلۇللاھ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار بولماي كىم؟ دەپ جاۋاب بەردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان

شەرھىسى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئۈممەت ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى دىنى، سىياسى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە شۇنداق دورايدۇكى، خۇددى يا ئوقلىرىنىڭ پەيلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىغاندەك شۇ دەرىجىدە دورايدۇ. بۇ تەقلىدچىلىك ۋە دورامچىلىقنى يەنىمۇ تەكىتلەش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ: ئەگەردە ئۇلار تار ۋە قاراڭغۇ بولغان كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ، بۇ ئۈممەت شۇ يەرگە قەدەر كىرىپ باقىدۇ، دېگەن. ساھابىلار: «ئىلگىركىلەر» دېگەن سۆزدىن كىمنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، يەنى يەھۇدى ناسارالار مەقسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ھە-ئە دەپ جاۋاب بەرگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە تايلاندچە ئاسامىي الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ