«اللَّهُمَّ مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَشَقَّ عَلَيْهِمْ فَاشْقُقْ عَلَيْهِ، وَمَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَرَفَقَ بِهِمْ فَارْفُقْ بِهِ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 1828]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىدىن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن، ئومۇمغا ئالاقىدار ئىش بولسۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار ئىش بولسۇن قانداق بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلماي، قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنى قىلغان قىلمىشىنىڭ تۈرىدىن جازالاشنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدىغانقى توغرىسىدا دۇئا قىلدى.