+ -

عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَمْرِو بْنِ الْعَاصِ رضي الله عنهما قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِنَّ الْإِيمَانَ لَيَخْلَقُ فِي جَوْفِ أَحَدِكُمْ كَمَا يَخْلَقُ الثَّوْبُ الْخَلِقُ، فَاسْأَلُوا اللَّهَ أَنْ يُجَدِّدَ الْإِيمَانَ فِي قُلُوبِكُمْ».

[صحيح] - [رواه الحاكم والطبراني] - [المستدرك على الصحيحين: 5]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - - [ھاكىمنىڭ بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە كۆرە چىقارغان ئەل مۇستەدرەك - 5]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېڭى كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىت كەيسە كونىرغانغا ئوخشاش مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭمۇ كونىراپ، ئاجىزلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ ئىبادەتتىكى سۇسلۇق، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش ۋە نەپسى-شەھۋەتكە چۆمۈپ كىتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش ۋە ئىستىغپار ئېتيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئىمانىمىزنى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا تەۋسىيە قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. ئازارىچە تەرجىمىسى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى. ئوكرانىيچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالادىن دىندا مۇستەھكەم قىلىشنى ۋە دىلدىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  2. ئىمان دېگەن: دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلىش، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش بولۇپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كەم بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ