عن عثمان بن عفان رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ تَوَضَّأَ فَأَحْسَنَ الْوُضُوءَ خَرَجَتْ خَطَايَاهُ مِنْ جَسَدِهِ حَتَّى تَخْرُجَ مِنْ تَحْتِ أَظْفَارِهِ».  
                        
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 245]
                        
 المزيــد ... 
                    
ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ». 
                                                     
                                                                                                    
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 245]                                            
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغان كىشى تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇكەممەل ئالسا، بۇ ناچارلىق ۋە خاتالىقلارنىڭ ئۆچۈرلىشى ۋە يوق بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، ھەتتا قولى ۋە پۇتىنىڭ تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ.