+ -

عَنْ عُثْمَانَ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«مَا مِنَ امْرِئٍ مُسْلِمٍ تَحْضُرُهُ صَلَاةٌ مَكْتُوبَةٌ فَيُحْسِنُ وُضُوءَهَا وَخُشُوعَهَا وَرُكُوعَهَا، إِلَّا كَانَتْ كَفَّارَةً لِمَا قَبْلَهَا مِنَ الذُّنُوبِ، مَا لَمْ يُؤْتِ كَبِيرَةً، وَذَلِكَ الدَّهْرَ كُلَّهُ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 228]
المزيــد ...

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 228]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى پۈتۈن دىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن، خۇشۇ بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىنى دىلىدا ھازىر قىلىپ، نامازنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇ كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىلا، بۇ ناماز ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەت يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا داۋاملىشىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازنىڭ گۇناھقا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن ئىنسان تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشى ۋە نامازنى خۇشۇ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
  2. ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى، بۇ كېچىك گۇناھلارنىڭ كاپارەت بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
  3. تاھارەتنى مۇكەممەل تولۇق ئېلىش، نامازنى خۇشۇ بىلەن تولۇق ئادا قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.
  4. كېچىك گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولىشى ئۈچۈن چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى.
  5. چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن مەغپىرەت قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ