«إِنَّ اللهَ يُحِبُّ الْعَبْدَ التَّقِيَّ الْغَنِيَّ الْخَفِيَّ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2965]
المزيــد ...
سەئد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەزى بەندىلىرىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدىغان ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار كىشى.
ئېھتىياجىنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تىلىمەيدىغان، كىشىلەردىن بىھاجەت قانائەتچان بەندىسىنى ياقتۇرىدۇ.
كەمتەر، رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغان، پايدىلىق ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ياكى ماختاپ -ئالقىشلىشىنى ئىستىمەيدىغان كىشىنى ياقتۇرىدۇ.
إثبات صفة المحبة لله –وهي على الوجه اللائق به-، وأنه يحب العبد الطائع.المراجع تحتاج تصحيح