+ -

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّهُ سَمِعَ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«أَرَأَيْتُمْ لَوْ أَنَّ نَهَرًا بِبَابِ أَحَدِكُمْ يَغْتَسِلُ فِيهِ كُلَّ يَوْمٍ خَمْسًا، مَا تَقُولُ ذَلِكَ يُبْقِي مِنْ دَرَنِهِ؟» قَالُوا: لَا يُبْقِي مِنْ دَرَنِهِ شَيْئًا، قَالَ: «فَذَلِكَ مِثْلُ الصَّلَوَاتِ الخَمْسِ، يَمْحُو اللَّهُ بِهِ الخَطَايَا».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 528]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، ئۇلار: ياق، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىردىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ»دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 528]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق ۋە كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولۇپ ئۇنى يوق قىلىدىغان، بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىدىغان بەش ۋاقىت نامازنى ئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھەر كۈندە بەش قېتىم يۇيۇنسا بەدىنىدىن بارلىق كىرلارنى يۇيۇپ تازىلايدىغان ئۆستەڭگە ئوخشاتتى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ پەزىلەت كېچىك گۇناھلارغا خاس بولىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
  2. بۇ ھەدىستە بەش ۋاقىت نامازنى بارلىق شەرتلىرى، پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ