«وَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ لَا يَسْمَعُ بِي أَحَدٌ مِنْ هَذِهِ الْأُمَّةِ يَهُودِيٌّ وَلَا نَصْرَانِيٌّ، ثُمَّ يَمُوتُ وَلَمْ يُؤْمِنْ بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ إِلَّا كَانَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 153]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىرى بولسۇن ياكى باشقا ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەي، ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ، دېدى.