عَن أَبِي أُمَامَةَ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتَ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَخْطُبُ فِي حَجَّةِ الوَدَاعِ فَقَالَ:
«اتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ، وَصَلُّوا خَمْسَكُمْ، وَصُومُوا شَهْرَكُمْ، وَأَدُّوا زَكَاةَ أَمْوَالِكُمْ، وَأَطِيعُوا ذَا أَمْرِكُمْ تَدْخُلُوا جَنَّةَ رَبِّكُمْ».
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...
ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن ۋىدالىشىش ھەججىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىريەنىڭ ئونىنچى يىلى ۋېدالىشىش ھەججىدە ئەرەپات كۈنىدە خۇتبە سۆزلىدى، بۇ ھەجنىڭ ۋېدالىشىش ھەججى دەپ ئاتىلىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەجدە كىشىلەر بىلەن ۋېدالاشقان. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ تەقۋادار بولۇشقا بۇيرىغان. بىر كېچە-كۈندۈزدە ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان. رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇشقا بۇيرىدى. ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، ئۇنىڭدا بېخىللىق قىلماسلىق. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىنغان كىشىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى جەننەتكە كېرىش بولىدۇ.