+ -

عَنْ كَعْبِ بْنِ عُجْرَةَ رضي الله عنه عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«مُعَقِّبَاتٌ لَا يَخِيبُ قَائِلُهُنَّ -أَوْ فَاعِلُهُنَّ- دُبُرَ كُلِّ صَلَاةٍ مَكْتُوبَةٍ، ثَلَاثٌ وَثَلَاثُونَ تَسْبِيحَةً، وَثَلَاثٌ وَثَلَاثُونَ تَحْمِيدَةً، وَأَرْبَعٌ وَثَلَاثُونَ تَكْبِيرَةً».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 596]
المزيــد ...

كەئەپ بىن ئۈجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 596]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈرلۈك زىكىرلەردىن خەۋەر بېرىپ، بۇ زىكىرنى دېگۈچىلەر زىيان تارتمايدۇ، پۇشايمان قىلمايدۇ، بەلكى مۇشۇ سۆزلەرنى دېگەنلىكىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، ھەر پەرز نامازلاردىن كېيىن دېيىلىدۇ، ئۇلار:
ئوتتۇز ئۈچ قېتىم سۇبھانەللاھ يەنى ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر دېيىش.
ئوتتۇز ئۈچ قېتىم گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر دېيىش. بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە كاتتىلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەشتۇر.
ئوتتۇز تۆت قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەردىن بۈيۈكتۇر، كاتتىدۇر، ھەممە نەرسىلەردىن ئىززەتلىك، غالىپتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تەسبىھ، تەمھىد ۋە تەكبىرنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇلار ساۋابى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەردىندۇر.
تېخىمۇ كۆپ