أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَانَ إِذَا صَلَّى فَرَّجَ بَيْنَ يَدَيْهِ حَتَّى يَبْدُوَ بَيَاضُ إِبْطَيْهِ.
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 390]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى مالىك ئىبنى بۇھەينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغاندا ئىككى قولىنى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك كېرەتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلغاندا ئىككى بېلىكىنى بېقىنىدىن يىراق تۇتاتتى، ئىككى قول سەجدىدە تايىنىش ۋە توغرا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىككى بىلىكىنى بېقىنىدىنيىراق تۇتاتتى، ئىككى قولىنىڭ ئارلىقىنى كەڭ تۇتقانلىقتىن قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنەتتى. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمام بولغاندا ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندىكى ئەھۋال، ئىقتىدا قىلغۇچى جەينىكى بىلەن يىنىدىكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك