«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2230]
المزيــد ...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەمبال-پالچى، يۇلتۇزغا قاراپ خەۋەر بېرىدىغان مۇنەججىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار غەيىپنى بىلىدىغاندەك بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن پەقەت غەيبى ئىشلارنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىرىق كۈنلۈك نامازنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىدۇر.