عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما عن رسول الله صلى الله عليه وسلم : «أَلْحِقُوا الفَرَائِضَ بأهلها، فما بَقِيَ فهو لأَوْلَى رجل ذَكَرٍ». وفي رواية: «اقْسِمُوا المالَ بين أهل الفَرَائِضِ على كتاب الله، فما تَرَكَتْ؛ فلأَوْلَى رجل ذَكَرٍ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: مىراسنى پەرز ئىگىلىرى ئارىسىدا قۇرئان كەرىم تەقسىماتى بويۇنچە بولۇپ بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن ئاشقىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مىراس تەقسىم قىلىدىغانلارنى، مىراسنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان شەكىلدە، شەرىئەتنىڭ ئادىل تەقسىماتى بويۇنچە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە، بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ كىتابىدا نىسىۋېسى ئېنىق بەلگىلەنگەن پەرز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋىلەر: ئۈچتىن ئىككى، ئۈچتىن بىر، ئالتىدىن بىر، يېرىمى، تۆتتىن بىر ۋە سەككىزدىن بىر ھەسسىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان مىراسلار مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، ئۇلار "ئەسەبە" دەپ ئاتىلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش