عَنْ ابْنَ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:

«إِذَا رَأَيْتُمُوهُ فَصُومُوا، وَإِذَا رَأَيْتُمُوهُ فَأَفْطِرُوا، فَإِنْ غُمَّ عَلَيْكُمْ فَاقْدُرُوا لَهُ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم دەيدۇ: ئەگەر ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار روزا تۇتۇڭلار، ئەگەر كېيىنكى ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار ئېغىز ئېچىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا، مولچەرلەپ ئىش قىلىڭلار
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۈيۈك شەرىئەت ئەھكاملىرى قائىدە پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك، كەسكىن بىر ئەھۋال بولمىسا ئۇ قائىدىلەرنى تاشلاشقا بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى قائىدىنىڭ جۈملىسىدىن، رامىزان ئېيى كىرىشتىن ئىلگىرى شەئبان ئېيىنىڭ بارلىقى ئېنىق بىر ئىش، بۇ ئاينىڭ تۈگىكەنلىكىگە دەلىل يېڭى ئاينىڭ چىقىشى، يېڭى ئاي چىقمىغانكەن شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقى بىر ھەقىقەت. يەنە مۇسۇلماننىڭ زىممىسى رامىزان روزىسىنىڭ پەرز بولىشىدىن بىكار بولىدۇ، ما دامىكى رامىزان ئېيى كىرمىگەنلا بولسا، شۇ سەۋەبتىن رامىزىن روزىسىنى تۇتۇش ئۈچۈن شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز قىلىش ياكى رامىزاننىڭ ئېنىق كىرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھىلال ئېيىنى كۆرۈش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھىلال ئاينى كۆرۈشنى شەرت قىلىپ بىكتتى. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاي كۆرۈش مۇمكىن بولمىسا، شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز قىلىپ 31- كۈنى رامىزان روزىسىنى باشلاپ تۇتسا بولىدۇ، مەۋجۇت بىر شەيئىنىڭ يوقالغانلىقىغا دەلىل كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ نەرسە ئىزچىل بار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تەيسىىرۇل ئەللام 314-بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 414-بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3-توم 212-بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

سۆزلەرنىڭ مەناسى