«مَنْ قَرَأَ حَرْفًا مِنْ كِتَابِ اللهِ فَلَهُ بِهِ حَسَنَةٌ، وَالْحَسَنَةُ بِعَشْرِ أَمْثَالِهَا، لَا أَقُولُ {الم} حَرْفٌ، وَلَكِنْ {أَلِفٌ} حَرْفٌ، وَ{لَامٌ} حَرْفٌ، وَ{مِيمٌ} حَرْفٌ».
[حسن] - [رواه الترمذي] - [سنن الترمذي: 2910]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپ ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى، ئۇ ياخشىلىق ئون ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيادە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن: «‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر»دېگەن سۆزنى بايان قىلىپ بۇ ئۈچ ھەرپنىڭ ساۋابىنىڭ ئوتتۇز ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
الحث على الإكثار من تلاوة القرآن.على قرون الموج في