«أَقْرَبُ مَا يَكُونُ الْعَبْدُ مِنْ رَبِّهِ وَهُوَ سَاجِدٌ، فَأَكْثِرُوا الدُّعَاءَ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 482]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار».
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنداق بولىشى: ناماز ئادا قىلغۇچى سەجدە قىلغان ھالىتىدە ئاللاھقا خار بولۇپ، بويسۇنۇپ بەدىنىدىكى ئەڭ ئېسىل-شەرەپلىك ئەزا بولغان يۈزىنى زېمىنغا قويىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا بۇيرىدى، بۇ ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا سۆز بىلەن ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن خار بولۇش-بويسۇنۇش مۇجەسسەملىشىدۇ.