عن ابن عمر، قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «كل مُسْكِرٍ خَمْرٌ، وكل مُسْكِرٍ حرام، ومن شرِب الخمر في الدنيا فمات وهو يُدْمِنُهَا لَمْ يَتُبْ، لَمْ يَشْرَبْهَا في الآخرة».
[صحيح] - [رواه مسلم وأخرج البخاري الجملة الأخيرة منه]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھاراقتۇر، ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، تەۋبە قىلماي، داۋاملاشتۇرغانچە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق خەۋەر قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق تۈردىكى مەس قىلىدىغان نەرسىنى ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىگە ھارام ئىكەنلىكىدە ۋە جازا بېرىلىش جەھەتتە ھاراق ئېچكەن كىشىگە قىلىنغاندەك مۇئامىلە قىلىنىدىغان ھاراق قىلىپ بېكىتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ھاراق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلمىغان كىشىگە ئاخىرەتتە ئۇنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ جازالاش ئۈچۈن بولىشى مومكىن، ياكى ھاراق جەننەتنىڭ ئىچىملىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاخىرەتتە ئىچمىسە جەننەتكە كىرەلمەيدىغان بولىشىمۇ مومكىن. بۇنداق كىشى جەننەتكە كىرىدۇ، «ھاراق جەننەتنىڭ ئېسىل ئىچىملىكلىرىدىن بولغاچقا ئۇنى دۇنيادا ئىچىپ ئاسى بولغانلار ئۇنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» دەپمۇ قارالغان، «جەننەتتە كۆڭۈللەر ئېنتىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە بار، بۇنداق كىشى شاراپقا بولغان ئېنتىلىشنى ئۇنتۇيدۇ» دەپمۇ قارالغان، مەھرۇم بولۇش ئاسى كىشىنىڭ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىچىلىك بەلگىلەنگەن بولىشىمۇ، ياكى ئۇ ئاخىرەتتە جەننەتكە بالدۇر كېرىدىغان نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر بىلەن بىللە ئىچەلمەسلىكىمۇ، ياكى تەۋبە قىلغانلارغا سىلىشتۇرغاندا ئىچكەن مىقدارى ۋە ھالىتى ئۇنچە مۇكەممەل بولماسلىقىمۇ مومكىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ