ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنْ عُقْبَةَ بْنِ عَامِرٍ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:

«إِيَّاكُمْ وَالدُّخُولَ عَلَى النِّسَاءِ» فَقَالَ رَجُلٌ مِنَ الأَنْصَارِ: يَا رَسُولَ اللَّهِ، أَفَرَأَيْتَ الحَمْوَ؟ قَالَ: «الحَمْوُ المَوْتُ».
[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 5232]
المزيــد ...

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: يات ئاياللار بار يەرگە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! ئەنسارىلاردىن بىر كىشى ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمىبىرىمىز: ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىش ئۆلۈم بىلەن تەڭدۇر، دېدى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئەبى تاھىر ئىبنى ۋەھەبدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن، لەيسنىڭ، (ئەلھەمۇ) دېگەن سۆزنى: ئېرىنىڭ ئوغۇل قېرىنداشلىرى ۋە ئېرىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەر تۇغقانلىرى، تاغىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىق ئەركەك تۇققانلار دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاياللار بىلەن خالى يەرگە كىرىپ يالغۇز قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى قانداق بىر ئادەم بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالىدىكەن، ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىز، گۇناھ - مەسىيەتكە بولغان قۇتراشلىرى كۈچلۈكتۇر. بەلكى ھارام ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا يامانلىقتىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپچى بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن يات ئەر-ئايالنىڭ خىلۋەت جايدا يالغۇز قىلىشىنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنسارلاردىن بىر كىشى، ئى رەسۇلۇللاھ (ئاياللارغا نىسبەتەن) ئەرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىچۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بولغان ئۇ ئەرنىڭ ئايالى ئۆيىدە چاغدا، ئۇ ئۆيگە كىرىشكە مۇھتاج بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت يوقمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەركەك تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر، دېدى. چۈنكى كىشىلەر بۇنى توسىماستىن بۇ ئىشقا سەل قاراپ كۆنۈپ قالغان، شۇڭا ئۆزىگە مەھرەم بولمىغان ئەرلەر بىلەن يالغۇز قېلىۋېرىدۇ، بەزىدە ھېچكىم بىلمەستىن ھەتتا گۇمانمۇ قىلماستىن زىنا - پاھىشە يۈز بېرىدۇ ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا دىنى ھالاكەت ۋە مەڭگۈلۈك ۋەيرانچىلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا رۇخسەت يوق، بەلكى ئەگەر غۇرۇرلۇق بولساڭلار ئەركەك تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلار بىلەن ئايرىم قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دېدى

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

الملاحظة
شَبَّهَ (الحَمْوَ) بالموت، قال ابن حجر: والعرب تَصف الشيء المكروه بالموت، وجْهُ الشَّبَهِ أنه موتُ الدِّين إنْ وقعت المعصية، وموتُ المُختلي إن وقعت المعصية ووجب الرَّجْم، وهلاك المرأة بفراق زوجها إذا حَمَلَتْه الغَيْرَة على تَطلِيقِها.
من أي كتاب نقل هذا النص وأي صحفة ومجلد
النص المقترح لا يوجد...
مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. الموري ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .
تېخىمۇ كۆپ