لَمْ يَكُنْ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَدَعُ هَؤُلَاءِ الدَّعَوَاتِ، حِينَ يُمْسِي وَحِينَ يُصْبِحُ: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَافِيَةَ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافِيَةَ فِي دِينِي وَدُنْيَايَ وَأَهْلِي وَمَالِي، اللَّهُمَّ اسْتُرْ عَوْرَتِي -أَو: عَوْرَاتِي- وَآمِنْ رَوْعَاتِي، اللَّهُمَّ احْفَظْنِي مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ، وَمِنْ خَلْفِي، وَعَنْ يَمِينِي، وَعَنْ شِمَالِي، وَمِنْ فَوْقِي، وَأَعُوذُ بِعَظَمَتِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِي».
[صحيح] - [رواه أبو داود والنسائي وابن ماجه وأحمد] - [سنن أبي داود: 5074]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇماي قالمايتتى: ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەر ئەتىگەن-كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ، مەنىلىرى بۈيۈك بولغانلىقتىن ئۇنى ھەرگىز تاشلىمىغان. دۇئادا ئاللاھدىن «دىنىمدا سالامەتلىك» سورىغانلىقىدىن دىنىدا گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە بىدئەتلەردىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. «دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە ۋە مال-مۈلكۈمدە» يەنى: دۇنيالىقىمدا مۇسىبەتلەر ۋە يامانلىقلاردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. ئائىلەمگە يامان مۇئامىلەدە بولۇشتىن، كېسەللەر يېتىپ قېلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ باياشاتلىق ئىزدەپ پۈچەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن مال-مۈلكۈمگە ھارام، شۈبھىلىك ئىشلاردىن، ئاپەتلەردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. «نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن» يەنى: ھايا قىلىنىشقا تىگىشلىك ھەر بىر گۇناھ ۋە ئەيىپلەر كۆرۈنسە ياپقىن ۋە مېنى قورقىتىدىغان خەۋىپتىن خاتىرجەم ۋە سالامەت قىلغىن. «مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن» يەنى: ماڭا ھەر قانداق ئورۇندىن يامانلىق يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالتە تەرەپتىن كېلىدىغان بالانى مەندىن توسقىن. «بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن مەخپى سۈيقەسىت قىلىنىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن