«الصَّلَوَاتُ الْخَمْسُ، وَالْجُمُعَةُ إِلَى الْجُمُعَةِ، وَرَمَضَانُ إِلَى رَمَضَانَ، مُكَفِّرَاتٌ مَا بَيْنَهُنَّ إِذَا اجْتَنَبَ الْكَبَائِرَ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 233]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا؛ بەش ۋاقىت نامازلار، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنسان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن؛ كېچە ۋە كۈندۈزدە ئادا قىلىنغان بەش ۋاقىت ناماز، ھەر ھەپتىدە ئادا قىلىنغان جۈمە ۋە ھەر يىلى تۇتۇلغان رامىزان روزىسى ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئەمما زىنا، ھاراق ئېچىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.