ئەسەر تۈزۈش:
+ -
عن عبدِ الله بن عمرو رضي الله عنهما قال:

كنتُ أكتبُ كلَّ شيءٍ أسمعُه من رسولِ الله صلَّى الله عليه وسلم أُريدُ حفْظَه، فنهتْني قريشٌ، وقالوا: أتكْتبُ كلَّ شيءٍ تَسمَعُه من رسول الله صلَّى الله عليه وسلم، ورسولُ الله صلَّى الله عليه وسلم بَشَرٌ يتكلَّمُ في الغضَبِ والرِّضا؟ فأمسَكتُ عن الكتاب، فذكرتُ ذلك لرسول الله صلَّى الله عليه وسلم، فأومأ بإصبَعِه إلى فيه، فقال: «اكتُبْ، فوالذي نفسي بيدِه، ما يَخرُجُ منه إلا حقٌّ».
[صحيح] - [رواه أبو داود] - [سنن أبي داود: 3646]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يىزىۋالاتتىم، قۇرەيشلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ : سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەندە ۋە كۆڭلى خوش بولغاندا سۆزلەيدىغان تۇرسا؟دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختاپ قالدىم، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 3646]

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى يېزىش ئارقىلىق ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يازاتتىم، قۇرەيشتىن بىر قىسىم كىشىلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەن ۋە كۆڭلى خوش ھالەتلەردە سۆزلەيدۇ. شۇنداقلا، بەزىدە خاتا كېتىدىغان تۇرسا؟ دېۋىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختىدىم.
ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن خۇرسەنلىك بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿‏وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ﴾‏ تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].

الملاحظة
تفسير الايه الكريمه في قوله (ماينطق عن الهوي) :-حيث لايتكلم بهواه من ماترى نفسه (إن هو إلا وحي يوحى) بل يتحدث بنقله وحى الله له إليكم *إسناد لمقولة متواترة سمعتها عند بعض اهل العلم انه منع الرسول صحابته أن يكتبو عنه شي غير كلام الله وتفسيره
النص المقترح قال عبدُ الله بن عَمْرو رضي الله عنه: كنتُ أكتبُ كلَّ شيءٍ أسمعه مِن رسول الله صلى الله عليه وسلم لكي أحفَظَه بالكتابة، فنهاني رجالٌ من قريش، وقالوا: رسولُ الله صلى الله عليه وسلم بشرٌ يتكلَّم في الرِّضا والغضب، وقد يُخطئ، فتوقَّفت عن الكتابة. فأخبرتُ النبيَّ صلى الله عليه وسلم بما قالوه، فأشار بإصبعه إلى فَمِهِ فقال: اكتب، فوالذي نفسي بيده ما يَخرجُ منه إلّا حقّ على كل حال، وفي الرِّضا والغضب. وقد قال تعالى عن نبيه صلى الله عليه وسلم: ﴿وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡیࣱ یُوحَىٰ﴾ [النجم ٣-٤].

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببى بولغان ئاللاھدىن يەتكۈزگەن بارلىق خەۋەرلىرىدە كۆڭلى ئوچۇق ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن خاتالىقتىن ساقلانغۇچىدۇر.
  2. ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش ۋە يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
  3. قەسەم قىلىنمايدىغان ئىشتىمۇ، بىر ئىشنى تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، مەنپەئەت بولىدىغان ۋاقىتتا قەسەم قىلسا توغرا بولىدۇ.
  4. ئىلىمنى يېزىش بولسا ئىلىمنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرىدۇر.
مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف ئازارىچە تەرجىمىسى ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية المقدونية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ