«اللهُمَّ أَصْلِحْ لِي دِينِي الَّذِي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي، وَأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ الَّتِي فِيهَا مَعَاشِي، وَأَصْلِحْ لِي آخِرَتِي الَّتِي فِيهَا مَعَادِي، وَاجْعَلِ الْحَيَاةَ زِيَادَةً لِي فِي كُلِّ خَيْرٍ، وَاجْعَلِ الْمَوْتَ رَاحَةً لِي مِنْ كُلِّ شَرٍّ».
[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2720]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقۇسى بولغان دىنىمنى ياخشى قىلغىن، مېنىڭ ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن»
ھەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ دۇئا؛ دۇنيا-ئاخىرەت ياخشىلىقىنى سوراشنى تەلەپ قىلىش، ئۆلۈمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ يامانلىقىدىن، قەبىرە ئازابىنىڭ شەررىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق يامانلىقلاردىن قۇتۇلىدىغان قىلىشنى، ھاياتىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن يېراق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇئادۇر