ئەسەر تۈزۈش: . . .
+ -
عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المُؤْمِنينَ رَضِي اللهُ عنْها قَالَتْ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:

«أَيُّمَا امْرَأَةٍ نَكَحَتْ بِغَيْرِ إِذْنِ مَوَالِيهَا، فَنِكَاحُهَا بَاطِلٌ -ثَلَاثَ مَرَّاتٍ- فَإِنْ دَخَلَ بِهَا فَالْمَهْرُ لَهَا بِمَا أَصَابَ مِنْهَا، فَإِنْ تَشَاجَرُوا فَالسُّلْطَانُ وَلِيُّ مَنْ لَا وَلِيَّ لَهُ».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد] - [سنن أبي داود: 2083]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«قايسى بىر ئايال دادا-ئاكىلىرىنىڭ ئىزنىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر»دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار لايدۇ:«ئەگەر بىرگە بولغان بولسا، ئۇ ئايال بىلەن بىرگە بولغانلىقى ئۈچۈن تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئايالنىڭ ۋەلىلىرى تالاش-تارتىش قىلىشسا يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق ئايالنىڭ ۋەلىسىدۇر»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"نا

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىسى بولۇشىنى شەرت قىلدى، ئايال ۋەلىسىنىڭ خەۋىرى يوق ياكى رۇخسىتىسىز ئەرگە تەككەن بولسا، ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، مۇشۇنداق نىكاھ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ئايالغا تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئارىسى ئايرىۋىتىلىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنىمۇ ئوچۇق بايان قىلىپ: ئايالنىڭ ئىگىلىرى ئايالنى ياتلىق قىلىش ئىشىدا تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالغان بولسا ياكى ئۇ ئايال ۋەلىلىرى بىلەن ئىخىتىلاپلىشىپ قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىشى يۇرتنىڭ چوڭىغا تاپشۇرىلىدۇ، يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق كىشىنىڭ ۋەلىسىنىڭ ئورنىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى نىپالچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. الجورجية المقدونية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ئەسەرلەر
  • . .
تېخىمۇ كۆپ